17اعلَموا أَنَّ اللَّهَ يُحيِي الأَرضَ بَعدَ مَوتِها ۚ قَد بَيَّنّا لَكُمُ الآياتِ لَعَلَّكُم تَعقِلونَ بىلىڭلاركى، اﷲ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قاقاس، قۇرغاق زېمىننى يامغۇر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق