71وَيَعبُدونَ مِن دونِ اللَّهِ ما لَم يُنَزِّل بِهِ سُلطانًا وَما لَيسَ لَهُم بِهِ عِلمٌ ۗ وَما لِلظّالِمينَ مِن نَصيرٍ ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) اﷲ نى قويۇپ، (ئىبادەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا) اﷲ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە (يەنى بوتلارغا) چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق