48وَلَقَد آتَينا موسىٰ وَهارونَ الفُرقانَ وَضِياءً وَذِكرًا لِلمُتَّقينَ بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز - نەسىھەتنى بەردۇق