128قالَ موسىٰ لِقَومِهِ استَعينوا بِاللَّهِ وَاصبِروا ۖ إِنَّ الأَرضَ لِلَّهِ يورِثُها مَن يَشاءُ مِن عِبادِهِ ۖ وَالعاقِبَةُ لِلمُتَّقينَ مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «اﷲ تىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى