97وَهُوَ الَّذي جَعَلَ لَكُمُ النُّجومَ لِتَهتَدوا بِها في ظُلُماتِ البَرِّ وَالبَحرِ ۗ قَد فَصَّلنَا الآياتِ لِقَومٍ يَعلَمونَ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنە كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق